ئەر-ئايال مۇھەببىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن توققۇز تۈرلۈك ۋاستە
2008-12-25
ئەر-ئايال مۇھەببىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن توققۇز تۈرلۈك ۋاستە
1.ئىككىڭلار تەڭ: ئاللاھ بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىرلەشتۈرسۇن، دەڭلار. مۇشۇنداق سۆزلەر ئەر-ئاياللىق ئالاقىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئۇ ئىككەيلەن ئارسىدا مۇھەببەت ئوتىنى جانلاندۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ئۆلمەيدۇ."ئەگەر كۈنلەر كەينىگە قايتىدىغان بولسا سىزدىن باشقا ئايال قوبۇل قىلمايتتىم"دېگەندەك سۆزلەر مۇھىم.
2. دوستلۇق ۋە مۇھەببەت قىلمىشلىرىنى كۆپ قىلىش: ئۇ ئاددى ۋە كىچىك ئىشلار، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتى چوڭ ۋە باھاسى يۇقىرى. مەسىلەن، ئەر-ئايالنىڭ بىرىسى يوتقان ئېچىلىپ قالغان بولسا يولدىشىغا يېپىپ قويسۇن، ياكى ئولتۇرماقچى بولسا ياستۇقنى ئېلىپ بەرسۇن، ياكى بىر قوشۇق تاماق يىگۈزۈپ قويسۇن، ياكى ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى كۆرگەندە دولىسىغا سىلىق ئۇرۇپ قويسۇن، ياكى چاي دەملەپ بەرسۇن... مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئايال تەرەپتىن ئىرىگە يۈزلەنسە ياكى ئىرىدىن ئايالىغا يۈزلەنسە، مۇھەببەت مەنىللىرىنى كۈچەيتىدۇ.
3. ئۇزارتىۋەتمەي ئىككەيلەن ئارسىدا سۆھبەتلىشىشكە ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىش: بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى بىر نەرسە ئاۋارە قىلمىسۇن، ھەر بىرسى يەنە بىرسىنىڭ كۆزىگە قارىسۇن، قولىنى تۇتسۇن، ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى توغۇرلۇق پاراڭلاشسۇن،شۇنداق قىلغاندا ئەر-ئايال بولغاندىن سرت دوست بولۇپ كېتىدۇ. بۇ يەردىن بىر سۆز، ئۇ يەردىن بىر ھىكايە، ئۇ يەردىن بىر سىلاپ قويۇش مۇھەببەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىدۇ.
4.ھەر بىرسى يەنە بىرسىگە قارىتا رىغبىتىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىسۇن: ياتاق ئۆيىگە بېرىشتا، ئۇ ئۆيدە خۇسۇسى پاراڭلارنى قىلىشتىكى رىغبىتىنى ئىپادىلىسۇن، بەدەننىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ ئەر-ئايالغا روھى تەسىرى بار.شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇ ئىككەيلەن ئارسىدا مۇھەببەتنى ئاشۇرۇشقا چوڭ تەسىرى بار. نەپسى ئىككىلىنىش ۋە روھى جىددىلىش ھالەتلىرى ھالال جىنسى ئالاقە بىلەن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
5.ھاجەت بولغاندا ھېسياتنى تەمىن قىلىش:مەسىلەن، ئايال كىشى ھامىلدار بولسا يولدىشى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىشى، ئۇنىڭ دەرتلىرى ۋە تۇيغۇللىرى بىلەن بىرگە ياشىشى لازىم، ياكى ئەر كىسەل بولسا ئايالى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىشى،ئۇنىڭغا ھىسداشلىقى قىلىشى لازىم.دۇنيا مانا مۇشۇنداق كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەر بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ بىلەن بىرگە تۇرۇپ قوللىشىغا مۇھتاج.
6.بىر ۋاقىتتىن يەنە بىر ۋاقىتقىچە ماددى مۇكاپاتلاش:
مەسىلەن ئەر ئايالىغا مۇناسىۋەت ياكى مۇناسىۋەتسىز ھەدىيە تەقدىم قىلىدۇ، داۋاملىق مۇپاجىئەنىڭ كۈتۈلمىگەن ياخشى تەسىرى بولىدۇ، شۇنداقلا ئايالىمۇ ئىرىغا ھەدىيە قىلىپ تۇرسۇن. چۈنكى ھەدىيە ئادەمنىڭ خاتىرىسىگە گۈزەل مەزمۇن ۋە ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ.بولۇپمۇ سائەت، ئۈزۈك ياكى قەلەمگە ئوخشاش داۋاملىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بولسا، چۈنكى ئۇ ئىككەيلەن ئارسىدىكى مۇھەببەتنى ئەسلەيدۇ ۋە توي كۈنلىرى خۇشال ئۆتىدۇ.
ھەدىيە يەنە بىر تەرەپنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قالسا تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ،چۈنكى ئاياللار ھېسياتچان بولۇپ تۇيغۇسىنى غىدىقلايدىغان ھەدىيەگە مايىل بولىدۇ، ئەمما ئەرلەر ماددى ھەدىيەگە بەكرەك مايىل بولىدۇ.
7.ھەر بىر پەرز نامازدىن كېيىن ۋە ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلاردا دۇئانى كۆپ قىلىش:مەسىلەن كىچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتەن بىرى ياكى تاھارەتتىن كېيىن ياكى ئىككى ئەزان ئارلىقىدا ياكى ئەرەپات كۈنى ياكى سەپەر ئارلىقىدا ئاللاھنىڭ ئەر-ئايال ئارسىدىكى مۇھەببەتنى داۋامللاشتۇرۇپ بېرىشنى، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلىش.
مۇھەببەتمۇئاسماندىن چۈشىدىغان رزق بولۇپ بەندىلەر ئارسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۇ دۇئا، ھەرىكەت ۋە سەۋەب بىلەن تەلەپ قىلىنىدۇ.
8.ھەر بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە كەڭچىللىك روھى ۋە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش روھى بىلەن مۇئامىلە قىلسۇن، ئۇنىڭ سەلبى تەرەپلىرىدىن كۆز يۇمسۇن، ئۆز ئارسىدا بىر بىرىنى ياخشى كۆرىدىغاندەك مۇئامىلە قىلسۇن، بۇ ئىشلار مۇھەببەت ئوتىنى كۈچەيتىدۇ.
9.پەرزەنتلىرىگە ئاتا-ئانىللىرىنى سۆيۈپ قويۇش، ياردەم بېرىش، قۇربان بىرىش ۋە قەدىرلەش بىلەن ھۆرمەتلەشنى ئۈگەتسۇن:ئەر باللىرى بىلەن ھۆرمەتلەپ ئورنىدىن قوپقاندا ئاپىسى خۇرسەنىك ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇ پوزتسىيەنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى يېڭىلىنىدۇ...
ئەمدى سىز بۇ توققۇز ۋاستىنى تەجرىبە قىلىپ بېقىڭ... ئائىلىڭىز مۇشۇ ۋاستىلار ئارقىلىق تېخىمۇ بەختلىك ۋە خاتىرجەملىككە چۈمسە ئەجەب ئەمەس...
ئەسلى مەزمۇننى كۆرۈش كۆرلىشى50
بىكەت ئىگسىلا قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرەلەيدۇ
|