| تىزىملىتىش | ئەزا بولۇش |

بىلوگ باش بىتى

9 ساراي تور بىكتىگە كەلگەنلىگىڭىزنى قارشى ئالىمىز !   www.9SARAY.com

يادىكار553 نىڭ تور بىكىتى
http://blog.9saray.com/116138
يادىكار553
دەرىجىسى : 2
ئىسمى :رھىڭم
جىنسى : ئوغۇل
يېشى :26ياش
ئادرىسى : شىنجاڭ
ھالىتى : 9SARAY
QQ :475842119
كۆرلىشى :111
كۈندىلىك خاتېرەم 2
77  2009-2-20

توردا پۇل تىپىش

ئاۋال كىرىڭ

 

تىزىملىتىش ئۇسۇلى:

كىرىش

 

 

زﯨﻘﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ داۋاﻻش

1. ﺗﻮﺧﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﺧﯘﻣﯩﻨﻰ ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﺪا ﺑﯩﺮﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ _ ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘدا ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﭘﯩﺸﯘرۇپ ﻳﯧﺴﻪ، زﯨﻘﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
2. 15 ﮔﺮام ﺋﯚرۈك ﻣﯧﻐﯩﺰى ۋە 30 ﮔﺮام ﻳﺎﯕﺎق ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ زەﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ﺳﯜﻳﯩﺪە ﻣﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﮬﻪﺳﻪﻟﺪﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻗﯘﻳﯘپ، دۇﻣﻠﻪپ ﭘﯩﺸﯘرۇپ ﻳﯧﺴﻪ، زﯨﻘﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ، ﻣﺎﻏﺪۇرﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
3. 30 ﮔﺮام ﺟﯩﻨﻜﯩﯟﯨﺰى60 ﮔﺮام ﻳﺎﯕﺎق ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺳﯘدا ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜپ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﯩﺪا ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﯘزۇﻧﻐﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﯩﻐﺎن زﯨﻘﻘﻪ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ۋە ﻣﺎﻏﺪۇرﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
4. 20 ﺗﺎل ﭼﯩﻼن، 500 ﮔﺮام ﻳﯧﯖﻰ ﻛﺎۋﯨﻐﺎ ﻗﺎرا ﺷﯧﻜﻪر ﺋﺎرﯨﻼﺷﺘﯘرۇپ، ﺳﯘدﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻗﯘﻳﯘپ ﭼﯩﻼن ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻛﺎﻧﺎﻳﭽﻪ زﯨﻘﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
5. ﻳﯘﻣﺮان ﺋﺎﻏﯩﭽﻪ ﻳﯘﻏﯘﭼﻨﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎق ﺗﻮﻏﺮاپ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
6. ﻛﯧﺴﻪل ﻗﻮزﻏﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻏﯩﭽﻪ ﻳﯘﻏﯘچ ﭘﻪﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯘدا ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜن ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
7. 120 ﮔﯩﺮام دۇﻓﯘ، 15 ﮔﺮام ﺋﯚرۈك ﻣﯧﻐﯩﺰى، 10 ﮔﺮام ﭼﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، دورﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯜزﯨﯟەﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜپ دۇﻓﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪپ، ﺳﯘﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﻛﺎﻧﺎﻳﭽﻪ زﯨﻘﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
8. 30 ﮔﯩﺮام ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪرەس ﺗﺎۋﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن 15 ﮔﺮام ﻗﯘم ﺷﯧﻜﻪرﻧﻰ ﺳﯘدا ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺋﯘزۇن ﻣﯘددەت داۋاﻣﻼﺷﺘﯘرﺳﺎ، ﻛﺎﻧﺎﻳﭽﻪ زﯨﻘﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺑﺪان ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
9. ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﺗﺎل ﺳﺎزاﯕﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘپ ﺗﻮﻏﺮاپ، ﺑﻮش ﺋﻮﺗﺘﺎ ﻗﻮرۇپ ﺳﺎﻏﺎرﺗﯩﭗ، ﺗﺎﻟﻘﺎﻧﻼپ، ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﺮاﻣﺪﯨﻦ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻠﻤﺎن ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﻛﺎﻧﺎﻳﭽﻪ زﯨﻘﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
10. ﭼﻮڭ ﺋﺎﭘﻠﯩﺴﯩﻦ ﭘﻮﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎق ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮﻳﯘۋﯦﺘﯩﭗ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘپ ﺗﻮﻏﺮاپ، ﮬﻪﺳﻪﻟﺪﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻗﯘﻳﯘپ، ﻗﺎﺳﻘﺎﻧﺪا دۇﻣﻠﻪپ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﯩﭽﻪ ﭘﯩﺸﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﮬﺎراﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎزراق ﻗﯘﻳﯘپ، ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻗﺘﯩﻦ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ زﯨﻘﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ

داۋالاشتا كىسەللىك سەۋەبىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىلىدۇ. نەپەس سىقىلىش تۇتقاندا بىمارنى پاكىزە، ھاۋالىق جايدا دەم ئالدۇرۇپ، نەپەس يوللىرىنى كىڭەيتكۈچى، قويۇق بەلغەمنى چىقارغۇچى، كاناي شىللىق پەردىلىرىدىكى ياللۇغلىنىشنى قايتۇرغۇچى، ئۆپكە، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى چارىلار قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: شەربىتى زۇفا، شەربىتى خەشخاش، سۇپۇپى سۇئال، لوئوقى بادام، مەجۇنى ھۆرمىل، ھەببە غارىقۇن قاتارلىقلار. بۇ دورىلار دوختۇرخانىمىزدا نەپەس يوللىرى كىسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار بولۇپ، كىسەل سەۋەبىگە ۋە تىپىك كىلنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بولساقمۇ، كانايچە زىققىسىگە نىسپەتەن تەسىر قىلىش ئۈنۈمىنىڭ شەربىتى بىيخ فۇنبىگە يەتمەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

شىپاخانىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى، ئۇيغۇر تىبابەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشقان، مەشھۇر تىۋىپ مەرھۇم مۇھەممەتئېلى ئاخۇن خەلپىتىم كانايچە زىققىسىگە «شەربىتى بىيخ فۇنبە» دىگەن نۇسخىنى تۈزۈپ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن بىمارلار ئۈسىتدە كىلنىك كۈزىتىش ئىلىپ بىرىپ، ئۈنۈمى ياخشى بولغاندىن كىيىن، نۇسخىنى شىپاخانىمىزگە تەقدىم قىلغان.

دورىنىڭ تەكىبى: كىۋەز يىلتىزى پوستى 100گرام، شۇمشا 50گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 25گرام. دورىلاردىن قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىپ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 50mlدىن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.

بۇ دورىنى كىلىنكىدا ئىشلەتكەندىن كىيىن، كانايچە زىققىسىنى داۋالاشتا باشقا ئەنئەنىۋى دورىلارغا نىسپەتەن ئۈنۈمى تىز بولۇپ، قوزغىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس يوللىرىنى كىڭەيتىش ئۈنۈمى ئالاھىدە بولۇپ، نەپەس سىقىلىش كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى. ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەنلەردە كىسەللىك ئىپادىلىرى تولۇق يوقۇلۇپ ساقىيىش نىسبىتى يۇقۇرى بولۇپ، دوختۇرخانىمىز دورا ياساش بۆلۈمىدە 30يىلدىن بىرى ياساپ، دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان كەڭ بىمارلارنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان دورىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

يىقىندىن بىرى بىز پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، دورا ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ساقىيىش نىسپىتىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىدە، دورا نۇسخىسىغا بىرقانچە قىتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۆۋەندىكى دورا نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىقتۇق:

يېڭىدىن تەييارلانغان شەربىتى بىيخ فۇنبىنىڭ تەركىبى: زۇفا، بىيخ سۇس، كىشمىش، شۇمشا، خەشخاش غوزىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 30گرام؛ گاۋزىبان، سەرىپىستانلارنىڭ ھەربىرىدىن 16گرام؛ ئاق لەيلى ئۇرۇغى 10گرام؛ چاكاندا، كىۋەز يىلتىزى پوستى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 50گرام. دورىلاردىن قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىپ كۈندە ئۈچ قىتىم، ھەرقېتىمدا 50mlدىن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.

بۇ نۇسخىنىڭ زىققىغا بولغان شىپالىق ئۈنۈمى خېلى يۇقۇرى بولۇپ، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش تەسىرى ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا سوزۇلما كاناي ياللۇغى، زۇكام، نەزلە قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ ئۈنمۈى يۇقۇرى. كەسىپداشلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىنى ۋە بۇ ھەقتە ئورتاق ئىزدىنىشىنى ئۈمد قىلىمىز.(قاغىلىق ناھىيە ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسى)
 


ئەسلى مەزمۇننى كۆرۈش  كۆرلىشى22  
قالدۇرۇلغان سۆزلەر 0
بىكەت ئىگسىلا قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرەلەيدۇ
     | www.9SARAY.com | بىكەت ئىلتىماس قىلىش  | پىكىر | بىكەت باشلىقى : 9 سارايبىزگە ئۇچۇر يوللاڭ