| تىزىملىتىش | ئەزا بولۇش |

بىلوگ باش بىتى

9 ساراي تور بىكتىگە كەلگەنلىگىڭىزنى قارشى ئالىمىز !   www.9SARAY.com

ياشلىق ساداسى نىڭ تور بىكىتى
http://blog.9saray.com/111111

ياشلىق ساداسى
دەرىجىسى : 5
ئىسمى :ياشلىق
جىنسى : ئوغۇل
يېشى :25ياش
ئادرىسى : شىنجاڭ 0991
ھالىتى : 9SARAY
QQ :1013095742
كۆرلىشى :1310
تەرجىمالى

 

كۈندىلىك خاتېرەم 2
جىمجىت كېچىدە تۇرىمەن تەنھا،  2008-12-3

جىمجىت كېچىدە تۇرىمەن تەنھا، دەرىزە ئالدىدا، ياغماقتا سىمسىم يامغۇر، گۈل ياپراقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاراسلاپ، خۇددى يەرگە ئۈنچىلەر چېچىلغاندەك.  جىمجىت كېچىدە تۇرىمەن تەنھا، دەرىزە ئالدىدا چۈشىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ، دەرىزىلەرنى كەڭ ئېچىپ يۈرىكىمنى سالقىنغا تۇتىمەن، ھېچ سەگىمەس يۈرىكىم، كۆيىدۇ پاراسلاپ، خۇددىي گۈلخانغا تاشلانغاندەك.  جىمجىت كېچىدە تۇرىمەن تەنھا، دەرىزە ئالدىدا چۈشىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ، ئاپئاق ئۇخلاش كۆينىكى ئىچىگە پاتمايدۇ تېنىم، يېرىلماقتا يۈرىكىم چاك-چاك، خۇددى چاقماق چېقىلغاندەك.  جىمجىت كېچىدە تۇرىمەن تەنھا، دەرىزە ئالدىدا چۈشىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ، كۆزۈمدە ئۇيقۇ يوق، كۆزلىرىمىنى يۇمۇپ سىمايىڭنى خىيال قىلىمەن، ئەسلەپ يەنە ئوتلۇق لەۋلىرىڭ نازۇك لېۋىمنى كۆيدۈرگەن ئاشۇ مىنۇتلارنى، ۋۇجۇدۇم تىترىمەكتە، شۇ تاپتا سەزمەكتىمەن، خۇددى يۈرىكىم ساڭا ئەسىر بولغاندەك.  جىمجىت كېچىدە تۇرىمەن تەنھا، دەرىزە ئالدىدا، يىراقتىن ئاڭلىنار مۇڭلۇق نەي ئاۋازى، تىترەپ تۇرغان يۈرىكىمنى ئېزىپ، مۇڭۇمغا مۇڭ قوشۇپ، پۈتۈن جىسمىمغا تارىماقتا، قاراڭغۇلۇقتىن ئىزدەيدۇ نۇرسىز كۆزلىرىم ئاشۇ كۈيچىنى، كۈيىڭنى توختاتمىغىن دېمەك بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭغا يېلىنغاندەك.
مۇڭلىرىم نەينىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىغا قوشۇلۇپ تارالسۇن گۈزەل باغلارغا، كۆركەم ئېگىز تاغلارغا، تاغ شاماللىرى مۇڭۇمنى يەتكۈزسۇن يىراقتىكى دىلدارىمغا، سۈيگۈمنى ئېلىپ بارسۇن، يۈرىكىمنى ئېلىپ بارسۇن، يۈرىكىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ، خۇددى مەن يارىمغا تۇتقاندەك...   ئاپتۇرى ... سۈبھى


ئەسلى مەزمۇننى كۆرۈش  كۆرلىشى18  
MTV
قالدۇرۇلغان سۆزلەر 6
بىكەت ئىگسىلا قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرەلەيدۇ