| سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ؟ سېنى كۆرمەي كۆڭۈل ئۇنامدۇ؟ ئايدا_يىلدا بىر كىلىپ كەتسەڭ، بۇ دىدارغا يۈرەك قانامدۇ؟
سەن كەلمىدىڭ،قارلىغاچ كەلدى، خۇددى سەندەك سايرىغاچ كەلدى. كۆزلىرىمگە شۇڭا ياش كەلدى، كۆڭلۈڭ ياكى مەندىن چانامدۇ؟
باغلار كۆزى سېنىڭ يولۇڭدا . گۈل تۇتۇپ كەل ئىككى قولۇڭدا. تەنھا ياتسام سەنسىز بۇلۇڭدا ، ماڭا، يايرىم ئۇۋال بولمامدۇ؟
|