|
| تىزىملىتىش | ئەزا بولۇش | |
بىلوگ باش بىتى |
9 ساراي تور بىكتىگە كەلگەنلىگىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! www.9SARAY.com |


|
|
|
ئىككىمىز تەڭ ئىغىزلانغان مېغىزدا.
چاخچاق قىلىپ قوشۇپ قويغان ئانىلار،
قوش مېغىز دەپ ئىككىمىزنى ئېغىزدا.
بىللە ئويناپ، تەڭ چوڭ بولدۇق كۈلكىدە،
قوش مېغىزدەك ئايرىلمىدۇق ھەركۈنى.
قوش مېغىزنى بىر تالدىن تەڭ بۆلۈشىپ،
<<قوشماق ئاداش>>دەپ يەۋەتكەن بىز ئۇنى.
ئاشۇ قىسمەت بىزگە باقتى قايرىلىپ.
بىر بىرىدىن ئايرىلغان قوش مېغىزدەك،
ئازاب يۇتۇپ بىزمۇ قالدۇق ئايرىلىپ.
توققۇزىم تەل بولدۇم بانۇ، مەلىكە،
نېمە ئۇيغا كەلسەم تۇرار زىيادە.
ئەمما ئىزدەپ تاپالمىدىم سەن بىلەن،
يۈرگەن ئاشۇ توپىلىقنى پىيادە.
شۇندىن بېرى كۈلەلمىدىم بىرەر رەت،
چۈنكى كۈلكەم كەتكەنىكەن سەن بىلەن.
كۆكرىكىڭدە قاپتۇ مېنىڭ يۇرىكىم،
جىسمىم يېنىپ كەلسىمۇ ئاھ، مەن بىلەن.
21-دىكابر ئۈرۈمچى