| تىزىملىتىش | ئەزا بولۇش |

بىلوگ باش بىتى

9 ساراي تور بىكتىگە كەلگەنلىگىڭىزنى قارشى ئالىمىز !   www.9SARAY.com

نادان شاش نىڭ تور بىكىتى
http://blog.9saray.com/104272

نادان شاش
دەرىجىسى : 10
ئىسمى :نادان
جىنسى : ئوغۇل
يېشى :25ياش
ئادرىسى : بىيجىڭ
ھالىتى : 9SARAY
QQ :9609126
كۆرلىشى :4874

كۈندىلىك خاتېرەم 1
.  2009-1-2



^_^ ئابدۇرىھېم ئۆتكۈر ^_^



توسما مېنى يار، چېكەي بىر نەپەس،
ئۆرگۈلدى پەلەك ، تاماكا بايان :
ئەمەستى ماڭا چېكىش بىر ھەۋەس،
كۆيىدۇ يۈرەك ، تاماكا بايان .



يانار تاغ ئىچى بولغاچقا يالقۇن،
دائىم ئۈستىدىن كەتمەيدۇ تۈتۈن.
ھەيران قالمىغىن چىقسا ئاغزىمدىن
كۆكۈچ چەمبىرەك ، تاماكا بايان .

بىلىمەن دىلدار ، يۇتىمەن زەھەر،
تېگەر ھەر سائەت يۈرەككە نەشتەر.
ۋە لىكىن شۇنى ئىستەيدۇ كۆڭۈل ،
ئەمەسمەن گۆدەك ، تاماكا بايان .


سارغايدى دىمە رەڭگىمنى جانان،
نىكوتىن ئەمەس مېنى سارغايتقان.
بىغىمنى كەچكۈز بورىنى باسسا،
سولمامدۇ چېچەك ، تاماكا بايان .

قاچانكى باقسام غەمكىن كۆزۈڭگە،
ئاچچىق ياشلىرىم تولۇر كۆزۈمگە.
قايغۇ- ئەلەمنى باسىمىش دەيدۇ،
شۇ كۆكۈچ تۈتۈن، تاماكا بايان.


توسما مېنى يار ، چېكەي بىر نەپەس،
چەكمەي دىسەممۇ ، بۇ مەيلىم ئەمەس.
مەيلى ئەمەسمۇ شۇ زەھەر بىلەن ،
سەگىسە يۈرەك ،تاماكا بايان.


1948-يىل 12 - دېكابىر، ئۈرۈمچى


ئەسلى مەزمۇننى كۆرۈش  كۆرلىشى47  
ئالبوم 29
قالدۇرۇلغان سۆزلەر 1
بىكەت ئىگسىلا قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرەلەيدۇ