| تىزىملىتىش | ئەزا بولۇش |

بىلوگ باش بىتى

9 ساراي تور بىكتىگە كەلگەنلىگىڭىزنى قارشى ئالىمىز !   www.9SARAY.com

كۈلرەڭ قەلىپ نىڭ تور بىكىتى
http://blog.9saray.com/103937
كۈندىلىك خاتېرەم

كۈلرەڭ قەلىپ خاتىرىلىرى

ئىمزا : ھەممىگە پۇراق چاچىدىغان گۈلدىن تىكەن ياخشى
ۋاقتى :2008-12-13 كۆرلىشى : 89  

 

 ئۆلۈپ كەتسەم بىركۈنلەر ناۋادا ئاچچىق ياشلار تولۇپ بىر جۈپ كۆزۈڭگە ئاھ، دەرسەنمۇ پەرياد بىلەن تولغۇنۇپ چاچلىرىڭنى يۇلارسەنمۇ ئاھ ئۇرۇپ مەھەللىدىن يىغا زارە ئاڭلانسا مىڭىشسا ھەم مۇسىبەتلىك جامائەت كىلەرسەنمۇ نامىزىمغا ئاق باغلاپ  تارتىنىشنى قويۇپ چەتكە نىھاجەت .
ئاھ ئۇرۇپ كۆزلىرىڭدىن مۇنچاق ياش تۆكمە . جاھاننىڭ ئىشلىرى ھەم ئالقىنىڭدا ئەمەس .يەنە نىمىشقا رەنجىيسەن،يەنە ئاغرىنىسەن.ساڭا بەرسە جاھاننى سەن كۈلدۈرەلەمسەن؟ئۇنتۇپكەت،تاشلىۋەتكىن شۇئازاپلارنى!!ئۇنتۇش شۇ،كۈلۈش شۇ،يىڭى بىرھايات!!
مىنى نىمە قىينىدى يار؟ھىجران ئوتىمۇ؟قىنى ئەشۇ كۈل بولغان چوغلۇق يۈرىكىم ،سۆيگىنىمدىن باشقىغا سوقمامدۇيۈرەك.گەر بولسا ئۆزى بىر تاش يۈرەك.ئۇنتۇپكەت،تاشلىۋەتكىن شۇئازاپلارنى!!قايغۇئۇ،يۈكلەر ئۇ،ئۆچكەن بىر ھايات!!
دەيىتتىڭغۇ سىغىنىش ئادەمنى تۇنجۇقتۇرارمىش،دەيىتتىڭغۇ ئايرىلىش ئادەمنى بوغۇپ قويارمىش،ئەجەپ ئەنە،كۈلۈپ يۈرۈپتۇغۇ  بوۋاي،، مومايلار،يۈرەكلىرىدە شۇساناقسىز دەرت ئويۇلغانمىش.ئۇنتۇپ كەتكىن تاشلىۋەتكىن شۇئازاپلارنى !!!
بەخىتمۇ شۇ،ئەتىمۇ شۇ،جۇشقۇنلۇق ھايات!!!

مۇھەببەتتە ئاغرىنىش بولمايدۇ
2008-11-24
تۈرى:كۆڭلۈمدىكى گەپلەر

 


نىمىشقىكىن شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم ، مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئازاپمۇ؟
قاراپ باقسام كۆپىنچە ھاللاردا ، ئوغۇللارمۇھەببەتتە ۋاپاسزلىق  ساداقەتسىزلىك قىلغاننىڭ رولىنى ئالىدىكەن، مۇھەببەت ئۈچۈن نارازى بۇلۇپ ئاغرىنىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزلارئىكەن . ئەمىلىيەتتە ، مۇھەببەت جەريانىدا چارچاش ، يارىلىنىش بۇلىدۇ .. بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ياخشى ئادەمگە ئۇچرىيالمىغىنىڭىز ئەمەس ، ئەكسىچە ئۆزىڭىز يېتەرلىك ياخشى قىلالمىغان .
ھەممە ئادەم ھاياتىدا ھەقىقى ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ، بىر ئۆمۈر بىرگە ياشايدىغان ئادەمگە ئۇچراشنى ئۈمۈد قىلىدۇ . ھېچقانداق ئادەم ئۆزى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئازار بېرىشنى خالىمايدۇ .
ئەقىللىق قىزلار شۇنى بىلىش كېرەككى: بەزى ۋاقىتلاردىكى ئەركىلەش  ۋە جاھىللىقنى ، تەتۈرلۈكنى چۈشىنىشكە ۋە ئەپۇ قىلىشقا بۇلىدۇ . لېكىن ھەر قانداق بىر ئوغۇل بالا ئۇزۇن ۋاقىت قىزدوستىنىڭ قالايمىقان تەتۈرلۈكىنى سىغدۇرالمايدۇ . ئەگەر ئۇ ئوغۇل بالا سىزدىن ئايرىلسا ، ھېچنىمىدىن ئاغرىنماڭ ، سىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خۇشاللىق ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاڭ،ئايرىلغان ۋاقتىڭىزنى ئويلاڭ، ئۆزىڭىزنى ۋە ئۇنى ئويلاڭ..
سىزئۆزىڭىزنى مەن ياخشى قىلالماپتىمەن ، مېنىڭ قىلغىنىم يېتەرلىك بولماپتۇ دەپ ئويلىسىڭىزلا ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن سىزنىڭ قېشىڭىزدا داۋاملىق قالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقالايسىز..
ئەگەر سىز ھەممە جەھەتتىن ياخشى ، يېتەرلىك قىلغان بولسىڭىز ، ئۇ سىزدىن ئايرىلمىغان بۇلاتتى،،،
ئەگەردە ئۇ سىزگە ئاسىيلىق قىلغان تەغدىردىمۇ، ئۇ  ئىچىدە  چوڭقۇر سىزدىن خىجىل بۇلۇپ يۈرەتتى،،،چۈنكى سىز ئۇنىڭغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئەمەسمۇ؟!
ئوغۇللار بەزى ۋاقىتلاردا ناھايتتى ئاجىز كەلگەن بۇلىدۇ ،،ئۇلار ئالدىراپ كۆز يېشى قىلمايدۇ،،ئەمما ئۇلارمۇ ئازاپلانغان، كۆڭلى يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا تەسەللىيگە مۇھتاج بولغان بۇلۇپ، بىرەرسىنىڭ ئۆزىگە ھەمرا بۇلۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ..
ئەگەر ئۇ قەلبىدىكى ئىچ سىقىلىشنى باشقىلارغا دېيىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ سىزگە دېيىشنى ئويلىمىغان بولسا ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى  قىز دوستى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن  سىز ھەقىقەتەن ياخشى، يېتەرلىك قىلالمىغان بولىسىز،،
ئوغۇللارمۇكۈچىنىڭ بارىچە ئۆزى سۆيگەن ئادەمنى قوغداشنى ، ئاسراشنى بىلىدۇ،،چۈنكى بۇ  ئۇنىڭ مەسئۇلىيتى ،،
قىزلارمۇ ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق مەسئۇلىيەتنى  ئۈستىگە ئالالايدىغان بۇلۇشى كېرەك،، ئەمىلىيەتتە سىز ھېچنىمە قىلمىسىڭىزمۇ، پەقەت بولمىغاندا ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئازابىنى يېنىكلتىشنى بولسىمۇ  ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك..
ئوغۇللار قىزلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى  ۋە ئوماقلىقىنى ياخشى كۆرىدۇ ،،ھەتتا  ياۋايى مېجەزىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ،، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قىزلارنىڭ  مۇلايىملىقىنىمۇ ، ئاق كۆڭۈللۈكىنىمۇ ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان قىزلارنىمۇ قەۋەتلا ياخشى كۆرىدۇ ،،
ئوغۇللارمۇ،قىزلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىنى ئۆزى بىلە تەڭ ئۈستىگە ئېلىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ ،،
مۇھەببەتتە، سەن ئۇنداق قىلىشىڭ كېرەك، مەن بۇنداق قىلىشىم كېرەك دەيدىغان ئىش يوق،
مۇھەببەتتەھەر ئىككى تەرەپ  مەسئۇلىيەتچان  بۇلۇش كېرەك،،، ئوغۇللار ۋاز كەچكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مۇھەببەت جەريانىدا قاتتىق چارچىغان، ياخشى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك قاتتىق ھارغان ، قىزدوستىدىن قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەن بۇلىدۇ ،،
ئۇچرىشىش بولسا تەغدىر،،
مۇھەببەتلىشىش بولسا بەخت،،
داۋاملىق بىرگە مېڭىش بولسا جاسارەت،،
ئاخىرلاشقان بولسا ئۆزىگە يۈز كېلەلمەسلىك،،
بۇلۇپمۇ قىزلار، ئوغۇللارنىڭ سىلەرگە بولغان مۇھەببىتىنى ھۇقۇق دەپ چۈشىنىۋالماڭلار،مۇھەببەت بەختلىك بۇلىمەن دەيدىكەنسىز چۈقۇم قۇربانلىق بېرىشىڭىز ، ئەجىر قىلىشىڭىز كېرەك،،
ئەگەر سىز بۇ مۇھەببەت جەريانىدا ، ھەقىقەتەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىڭىزلا بولدى ، لېكىن ياخشى ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز  ئۇنداقتا ئايرىلىپ كېتىڭ ،،ئۇنداقتا  سىز مۇھەببەتتە ئادەمنى توغرا تاللىيالمىغان بۇلىسىز ،،
ئۆز ۋاقتىدا ۋاز كېچىش بولسا بىر خىل ئاقىلانىلىك ،،
قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر،،بىز ھەممىمىز سۆيگەن ۋە سۆيۈلگەن چاغدا، پەقەت شۇ ۋاقىتنى ياخشى قەدىرلەشنىلا ئارزۇ قىلىمىز،،، ئەمىلىيەتتە قەلبىمىز ئازاپلىنىپ ئازاپ تارتساقمۇ، ھېچنىمىدىن ئاغرىنماسلىقىمىز كېرەك،،ھېچ بولمىغاندا سىز باشقىلار تەرىپىدىن ھەقىقى سۆيۈلدىڭىز ھەم ھەقىقى سۆيۈپ باقتىڭىز ئەمەسمۇ؟!
ئاللا بارلىق ئاشىق- مەشۇقلارنى مۇرادىغا يەتكۈزگەي،،،